ھىجاب سەۋەپلىك  ئىمتىھاندىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھىجاب سەۋەپلىك  ئىمتىھاندىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تىببى پاكۇلتىتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچى ھىجابلىنىشنى خالايدۇ، ئەمما ئۇ ھىجابى سەۋەبلىك ئىمتىھاندىن قالدۇرۇپ قويۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۇگۇتۇپ بولغۇچە ھىجابلانمىسىمۇ بولامدۇ؟، قانداق قىلىشى كېرەك، بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.  
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-05-27
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/308408
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھىجاب سەۋەپلىك  ئىمتىھاندىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن
580 KB
: ھىجاب سەۋەپلىك  ئىمتىھاندىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن.doc
2.
ھىجاب سەۋەپلىك ئىمتىھاندىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن
99.7 KB
: ھىجاب سەۋەپلىك  ئىمتىھاندىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

ھىجاب سەۋەپلىك  ئىمتىھاندىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن

39443- نومۇرلۇق سوئال  

سوئال:

مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تىببى پاكۇلتىتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچى ھىجابلىنىشنى خالايدۇ، ئەمما ئۇ ھىجابى سەۋەبلىك ئىمتىھاندىن قالدۇرۇپ قويۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۇگۇتۇپ بولغۇچە ھىجابلانمىسىمۇ بولامدۇ؟، قانداق قىلىشى كېرەك، بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.        

جاۋاب:

بارلىق ھەمدۇ-سانالار جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

قىز-خانىملارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىشى پەرز بولۇپ، بۇ توغرىدا كۆپلىگەن دەلىللەر بار. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە ئەھزاپ 59-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھ قا تەۋبە قىلىڭلار.» [سۈرە نۇر 31- ئايەت].  

دەرس ۋە خىزمەتنى باھانە قىلىپ ھىجابلانماسلىق جايىز بولمايدۇ. مەلۇم دۇنيالىق مەنپەئەتنى دەپ شەرئى دەلىللەرنى قايرىپ قويۇپ، ئاللاھ  چەكلىگەن نەرسىلەرگە ئەگىشىش توغرا ئەمەس.

مەزكۇر قىز ئوقۇغۇچى دىنىنى ياخشى قوغدىشى، دەرسىنى تاشلاشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ھىجابىنى تاشلىماسلىقى لازىم بولىدۇ. (چۈنكى ھىجاب ئۇنىڭ ئىززىتى، ئىپپىتى، ئىمانى ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلىدۇر.- م-)

شۇنى بىلىۋىلىشېمىز كېرەككى، كىمىكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن ئۇ ئنسىان ئاللاھنىڭ كاپالىتى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ تىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ .» [سۈرە تالاق 2-3- ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى].

بۇ سەۋەپتىن كەلگەن ھەر قانداق ئەزىيەت ۋە مەسخىرىلەرگە سەۋر قىلىپ، دىنىنى قوغداش ئارقىلىق ئاللاھ ۋەدە قىلغىن ئەجىر ۋە مۇكاپاتلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەقىدە-ئېتىقادتىن قىممەتلىكراق نەرسە بولمىسا كېرەك.

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن كىيىن شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇلار دىنىنى ساقلاش يولىدا تارتقان ئەزىيەتلەر، ماددى ۋە مەنىۋى بىسىملارغا سەۋر قىلغانلىقى ئۇچۇن، ئەجىردە سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئەللىك شەھىدنىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ». [تەبەرانى رىۋايىتى. ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 2234-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 3 )
Go to the Top